ش ھ ت دىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى غەرب قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى رۇسىيە، خىتاي، ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىنى ھەربى بازا بىلەن تەمىنلىمەكتە ئىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنى سەيشەنبە كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا بايانات ئېلان قىلىپ، " ئافغانىستاندىكى تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان چاغدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئاساسى ئەسلىھەلەر شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنى قاچانغىچە ئارقا سەپ بازىسى قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى بەلگىلەشكە ئۈندەيدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

كرىمىلىن سارىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى سېرگېي پرىخودكو، "شاڭخەي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتى ئولتۇماتۇم ئەمەس، ئەمما ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، "بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، بولمىسا مۇقىملىق توغرىسىدىكى سۆھبىتىمىزنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ،" دېدى.

يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىر قاتار كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغان. بۇ كېلىشىملەر، ئەزا دۆلەتلەر جىددى ئەھۋالنى بىر - بىرىگە ياردەم قىلىش، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ھەرىكىتىنى چەكلەش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئەركىن)