ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 6- دېۋىزىيىسىگە قاراشلىق "1 - ئاۋغۇست" سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقتىن ئاز دېگەندە 150 توننا بېلىق ئۆلگەن ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 600 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
خىتاي خەۋەر تورىدە مەلۇم قىلىنىشىچە، سۇ ئامبىرىدىكى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەردىكى بېلىقلارنىڭ ئۆلۈش ئەھۋالى بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان. مەزكۇر سۇ ئامبارنىڭ مەسئۇل خادىمى جيا بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبنىڭ سۇ ئامبىرى سۈيىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىغىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. گەرچە ئۇلار بۇ ئەھۋالنى شۇ چاغدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئالدى ئۈنۈملۈك ئېلىنمىغان.
جيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار، سانائەتتىكى بۇلغانغان سۇلارنىڭ ۋە تۇرمۇشتىكى كېرەكسىز سۇلارنىڭ تازىلىنىشتىن ئۆتمەيلا بۇ يەرگە قويۇلغانلىقىدىن ئىكەن. بۇنداق زور تۈركۈمدىكى بېلىقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆلۈپ كېتىشى بۇيەردە تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال ئىكەن.
ئامبار سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ھەتتا بەزى جايلاردىكى سۇنىڭ رەڭگىمۇ قاپقارا بولۇپ كەتكەن. ئامبار مەسئۇلى جيا ئۇلارنىڭ ھازىر سۇنى تازىلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا يەنە ئاز دېگەندە 20 نەچچە كۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
"1- ئاۋغۇست" سۇ ئامبىرى يىلىغا نەچچە مىڭ توننا بېلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ بېلىقلارنىڭ 3/2 قىسمى ئۈرۈمچىدە سېتىلىدىكەن. (پەرىدە)
