ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 37 مىڭ بوتۇلكا كلىندامىسۇن فوسفات گلۇكوزى بايقالدى

جۇڭگودا ھازىرغىچە 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئانتى - بىئوتىك دورا كلىندامىسۇن فوسفات گلوكۇزىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 200 مىڭ بوتۇلكا بايقالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يىمەك - ئىچمەك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنگىچە ئاپتونوم رايوندىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردىن ئەنخۇي خۇايۈ|ئەن بىئولوگىيىلىك دورىلار چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كلىندامىسۇن فوسفات گلوكۇزىدىن 200 مىڭ بوتۇلكا بارلىقىنى، ھازىرغىچە 209 مىڭ بوتۇلكا كلىندامىسۇن فوسفات گلوكۇزىنىڭ سېتىلىپ بولغانلىقىنى بايقىغان.

رايوندا چىقىدىغان خىتايچە مەتبۇئاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئىدارە ئاپتونوم رايون بويىچە 37 مىڭ بوتۇلكا گلوكۇزنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ گلوكۇزلار پەقەت قاراماي شەھىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىدە بايقالمىغان.

بۇ گلوكۇزنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئۆلگەن 3 - ئادەم خېيلوڭجاڭلىق 6 ياشلاردىكى بىر قىز بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۆتكەن ھەپتە جوڭگو دائىرىلىرى بۇ دورىنى چەكلىدى. "جوڭگو" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 70 ياشلاردىكى خېبېيلىك بىر بوۋاي بىلەن 48 ياشلاردىكى خۇبېيلىك بىر ئايال مۇشۇ دورى سەۋەبىدىن ئۆلگەن.

جوڭگو يىمەك - ئىچمەك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، 4 - ئاۋغۇست كۈنى شاڭخەي خۇايەن ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ۋە ئەنخۇي خۇايۈەن بىئولوگىيىلىك دورىلار چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بۇ دورىنى چەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان. (ئەركىن)