خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچىدىكى ئىشچىلارنى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن خۇمداننى تەكشۈردى
2005.07.08
دائىرىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ ئەنەنچۈي يېزىسىدىكى ئىشچىلارنى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر خۇمداننى تەكشۈرگەن.
"جوڭگو ياشلار گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنەنچۈيدىكى مەزكۇر خۇمداندا ئىشچىلار كۈندە 20 سائەت ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان، ئىش ھەققى ۋاقتىدا بېرىلمىگەننىڭ ئۈستىگە ئىشچىلارنىڭ خۇمدان سىرتىغا چىقىشى چەكلەنگەن. تاماق سۈپىتى ناچار بولۇپ، ياخشى ئىشلىمىگەنلەر تاياق يەيدىكەن. يېقىندا مەزكۇر خۇمداندىكى بىر ئىشچى بۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ ئەھۋالنى ئالاقىدار دائىرىلەرگە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەر خۇمداننى تەكشۈرۈشكە بارغان، ئەمما خۇمداندا ھېچكىم قالمىغان. "جوڭگو ياشلار گېزىتى" ۋەقەنى قۇللار ئەمگىكى، دەپ ئەيىپلىدى.
بىراق كۆزەتكۈچىلەر، ئەنەنچۈيدىكى خۇمداندا ئىشچىلار 20 سائەت ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان بولسىمۇ مائاش بېرىشكە ۋەدە قىلىنغان، ناچار بولسىمۇ يىمەك - ئىچمەكى بار. ئەمما ھاشارغا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار ئەمگەك قوراللىرىنى، يىمەك - ئىچمەك ۋە يول خىراجىتىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ، ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا، دەپ كۆرسەتتى.
ھازىر قەشقەر قاتارلىق جايلاردا دېھقانلار ھاشارغا سېلىنماقتا. قەشقەر خانئېرىق يېزىسىدىكى يېزا كادىرى ئەمەتنىڭ تەكىتلىشىچە، دېھقانلار ئۆزى ماڭىدىغان يولنى ئۆزى ياسىشى، ئۆزى ئۆتىدىغان كۆۋرۈكنى ئۆزى قۇرۇشى كېرەككەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قاراشەھەر ناھىيىسىدە چارۋىچىلار بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر تاشيول ياسىماقچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىن خوتەنگىچە تۆمۈر يول ياساشنى پىلانلىماقتا
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەر قۇرۇلۇشى
- "بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىدە خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش" سىياسىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئاشكارە قىلىندى