قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى، دۈشەنبە كۈنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئوش رايونىدىكى يەرلىك رەھبىرى، دەپ تونۇلغان رەسۇل ئاخۇنوۋنىڭ قىرغىز بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رەسۇل ئاخۇنوۋ ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئوشتىكى ئۆيىدە قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىغا تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئومۇربېك سۇۋانئالىيېۋ، رەسۇل ئاخۇنوۋنى قىرغىز ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رايوندىكى بىر قانچە رەھبەرلىرىدىن بىرى، دەپ كۆرسەتتى.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى رەسۇل ئاخۇنوۋنى بۇ يىل 12 - مايدا قىرغىزىسىتان - تاجىكىستان چېگرىسىدىكى قاراۋۇلاخانىلرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 9 كىشىنى ئۆلتۈرگەن زەربىدارلارنىڭ بىرى، دەپ ئەيىبلىدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئوش ئوبلاستىدا ئىسلامچى كۈچلەرگە قارشى تازىلاش ئېلىپ بارغان. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا بېشكەك ھۆكۈمىتى دىندار كىشىلەرنى باستۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىدى ۋە پرېزىدېنت باقىيېۋنى ئۆزبېكىستان دىكتاتورى ئىسلام كەرىموپنىڭ ئىزىدىن ماڭماقتا، دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)