ئۇيغۇر ئىلىدىكى بىڭتۈەنلىك پاختىكارلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا پاختا باھاسىدىكى تالاش - تارتىشتىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشتا 40 تەك ئادەم يارىلاندى.
مەركىزى خوڭكوڭدىكى جۇڭگو دېموكراتىيە - كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ كۈيتۈڭ شەھىرىدىكى 127 - پولكىغا تەۋە سۇشىڭتەن دەيدىغان كۆچمەنلەر يېزىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، قوراللىق ساقچىلار بىڭتۈەن پاختىكارلارغا كۆتۈرىگە بېرىلگەن كېۋەزلىكلەرنىڭ پاختىسىنى ئۆزلىرى ساتماقچى بولغان ۋە پاختىكارلارغا توختامدىكى باھادىن تۆۋەن پۇل بەرمەكچى بولغاندىن كېيىن توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە مەركىزى، قوراللىق ساقچىلارنىڭ 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ۋەقە يۈز بەرگەن يېزىنىڭ كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ پاختا سېتىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ كېچىسى ئۆيمۈ - ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتى ھۆددىگەر پاختىكارلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار يېزىدىكى ساقچى پونكىتى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ھەم ساقچى ئەسلىھەلىرىنى، بىر ساقچى ماشىنىسىنى زىيانغا ئۇچراتقان.
كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىمۇكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى، ۋەقەدە" ئاز دېگەندە 40 دەك ئادەم يارىلاندى ۋە 25 ئادەم قولغا ئېلىندى " دەپ كۆرسەتتى. لېكىن بۇ ئورگاننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي 23 - سېنتەبىر كۈنى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن. (ئەركىن)