بېلگىيەدىكى بۇ يىللىق كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە «ئۇيغۇر چۈشى» تاللاندى

ئەخمەتجان قاسىم بۇ كىتابنىڭ بىر ھېكايىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ دۇنياغا بىلىنىشىدە ئاز بولسىمۇ ھەسسىسى قېتىلىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېلگىيەنىڭ فلاندرىيە رايونىدىكى فلاندرىيە قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى PEN Vlaanderen ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىكى بەش مۇھىم كىتابنىڭ بىرى سۈپىتىدە گوللاندىيەدىكى ياش پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىم تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابنى تاللىدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە خادىمى ئېللېن ۋان پېلت خانىم كىتابنىڭ تاللىنىش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا ئەلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، ئەمما بېلگىيەدە بەك كۆپ بىلىنمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا، «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ تەشكىلاتنىڭ 15-نويابىر تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇ پائالىيىتىگە ھازىرغىچە 21 كىتابخانا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋاز قوشقان، تەشكىلات يەنە كۇتۇپخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ پائالىيەتتە ئەڭ مۇھىم بەش كىتابنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت تارتىشنى مەقسەت قىلغان.

«ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، گوللاندىيەدىكى ياش پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىم مەزكۇر كىتابىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇش ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان. ئەخمەتجان قاسىم بۇ كىتابنىڭ بىر ھېكايىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ دۇنياغا بىلىنىشىدە ئاز بولسىمۇ ھەسسىسى قېتىلىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فلاندرىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر تەشكىلات 1930-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىدۇر. ئۇ بۇلتۇرقى كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە مەھبۇس يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئارقا كوچا» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.