تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى كۈچلەنمەكتە

ئىزمىر چەشمەدە داۋام قىلىۋاتقان بىرىنجى نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى مەدىنىيەت قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كوپ ساندا ئىلمى ماقالە ئوقۇلدى. بۇلاردىن بىرى ئەگە ئۇنىۋەرىسىتىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروففىسور دوكتۇر زەكى كايماز ئەپەندى يازغان ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ماۋزۇلۇق ماقالە ئىدى. كەمال ئەپەندى ماقالىسىدە ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىننىڭ پەقەتلا بىر سىياسىيون بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇنمۇ تۆھپە قوشقان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ نەنجىڭدىكى ۋاقتىدا ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنى باستۇرۇپ ئۇيغۇر مائارىپىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئېيىتتى. تۆۋەندە پروففىسور دوكتۇر كەمال كايماز ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغايسىلەر.

ھۆرمەتلىك پروففىسور دوكتۇر زەكى كايماز ئەپەندى، سىزنىڭ ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىگەن تېمىنى تاللىشىڭىزدىكى سەۋەپ نىمە؟

«مىنىڭ بۇ تېمىنى تاللىشىمدىكى مەقسەت بىرىنجىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئىككىنجىدىن، مەن ئۈنىۋېرسىتىتتە ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىۋاتىمەن. بۇ دەرسلىرىمنى ئاساسەن ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆتىمەن. ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن 1948-يىلى دەرسلىك كىتاب باستۇرغان. مەن بۇ كىتاپتىكى ئۇيغۇرچە بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرچىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش شۇنداقلا ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىننىڭ سىياسىيونلۇقتىن باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىش ئۇچۇن بۇ ئىلمى ماقالىنى يازدىم.»

ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن چەتئەلدە ئۆتكۈزگەن 45 يىللىق ھاياتىنى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاتىغان بىر كىشى. سىزچە بۇ كىشىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا قوشقان توھپىسى نىمە؟

«ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن بىر سىياسى كىشىلىك. ئۇنۇڭ خىتايدىكى ۋە تۈركىيەدىكى سىياسى پائالىيەتلىرىنى بىلىمىز. مەنمۇ ئۆزى بىلەن تونۇشۇش پۇرستىگە ئېرىشكەن ئىدىم. بۇيەردە ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىننىڭ شۇنچىۋالا جىق ئىشنىڭ ئىچىدە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇر تىلىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىدۇر. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىدە ئۇ مەزگىللەردە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارىڭ ئېلىپبەسى ئوخشاش بولمىغاچقا بىر-بىرىنى چۇشىنەلمەيدىغانلىقىنى يازغان. شۇڭا ئۇ، ئۇيغۇرلارمۇ ئاسان ئۈگىنەلەيدىغان قازاق، قىرغىزلارمۇ ھەم ئاسان چۇشىنەلەيدىغان بىر ئېلىپبە تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشقان. ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن بۇ پىكىرلەرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانمۇ يوق، بۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مائارىپىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىدىغان، ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتاپلارنى باستۇرغان، ئالتاي نەشرىياتىنى قۇرغان ۋە گېزىت نەشىر قىلدۇرغان بىر كىشىدۇر.»

ھۆرمەتلىك پروففىسور دوكتۇر كەمال كايماز ئەپەندى، سىز ماقالىڭىزدە ئىسا يۇسۇف ئالپتېكىن باستۇرغان كىتاپتا ئۇيغۇرچىغا نۇرغۇن تۈركچە سۆزلەرنى ئالغانلىقىنى دىدىڭىز. بۇ ھەقتە قىسقىچە ئىزاھات بەرسىڭىز قانداق؟

«مەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتاپتىكى ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ ناھايىتى سۆيۈندۈم. چۈنكى ئۇ كىتاپتا تۈركچە ئاتالغۇلارنى تاللىغاندا ئىمكاننىڭ بېرىچە ئۇيغۇرلارمۇ، قازاقلارمۇ، قىرغىزلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەرنى تاللاپتۇ. بۇ بىزگە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قازاقىستاندا، قىرغىزىستاندا بۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەتلەرنى ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئۇ تىللارنى تامامەن ئۆزگەرتىپ ھەممىڭلار تۈركىيە تۈركچىسىنى قوللىنىڭلار دىيىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئىمكاننىيەتنىڭ بېرىچە ھەممىمىز چۈشىنەلەيدىغان ئورتاق ئاتالغۇلارنى ئىشلەتسەك، بۇ ئاتالغۇلارنى كۈندىلىك ھاياتتا، گېزىت ژورناللاردا قوللانساق بىر - بىرىمىزنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنەلەيمىز دەپ ئويلايمەن.»

ھۆرمەتلىك كەمال كايماز ئەپەندى، تۈركىيە مەدىنىيەت مىنىستىر مۇئاۋىنى بۇ يىغىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا سۆز قىلغاندا، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭ تۈركىي مىللەتلەر مەدىنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدىنىيىتىدىكى ئورنىنى بەلگىلەشتىن ۋە بۇ مەدىنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى دەپ ئوتتى. بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز مەدىنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بىر تەرەپتە تۇرسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

«بۇ توغرا ئەمەس. بۇ خاتا بىر سىياسەت. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايچە مائارىپقا مەجبۇرلارش پۇتۇنلەي خاتا. بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەن ئاخىرىدا شۇنى دىمەكچىمەنكى، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيىتىشىمىز كېرەك. بۇ خىل قۇرۇلتايلاردا پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئىش پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا بىر بىرىمىزىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلالايمىز.»

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org