تۇرپاندا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر نامايىش قىلدى

تۇرپان شەھىرىدىكى تەرەققىيات سودا بىناسىدا دۇكان ئاچىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر پەيشەنبە كۈنى سودا بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن 3 ‏- ئۆكتەبىر ئوت ئاپىتىدە ئۇچرىغان زىياننى تۆلەپ بېرىش ۋە يېڭى دۇكان بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. يىغىلىشقا قانچىلىك ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن تولۇقسىز مەلۇماتلاردا نامايىشچىلارنىڭ 800 دىن تۆۋەن ئەمەسلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

تۇرپان شەھىرىدىكى تەرەققىيات سودا بازىرى مەزكۇر شەھەردە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك سودا قىلىدىغان بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل 10 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى مەزكۇر بازارغا ئوت كېتىپ، بازاردىكى كۆپ قىسىم دۇكانلار كۆيۈپ كەتكەن ھەمدە بىر ئۇيغۇر بالا ئۆلگەن ئىدى. ئوت ئاپىتىدىن كېيىن دائىرىلەر تىجارەتچىلەرگە باشقا جايدىن دۇكان كۆرسىتىپ بېرىش ۋە بىر قىسىم زىياننى تۆلەپ بېرىشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ ،لېكىن تىجارەتچىلەر ھازىرغىچە يېڭى دۇكان ئالالمىغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى سودا بازىرى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. لېكىن يىغىلىش ئۇزۇن ئۆتمەي دائىرىلەر تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.

خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى بار، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىگە ئالاھىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى ھەر قانداق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلماقتا.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاينى ئادەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچى ۋە تىنچ مۇستەقىلچىلەر بىلەن زوراۋان ۋاستىلارنى قوللانغۇچى كىشىلەرنى بىر ‏- بىرىدىن پەرقلەندۈرمەي كەلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

نامايىشچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىلىشتا ئاز دېگەندە ئىككى ئۇيغۇر دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. (ئەركىن)