ئۈرۈمچىدە 10 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش قارا جەمئىيەت تەشكىللىگەن دېگەن ھۆكۈم بىلەن سوتلاندى
-
2006-12-07 -
-
-
ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى يېقىندا، ئۇزۇندىن بېرى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۆمەر روزى، سەمەت ئابابەكرى قاتارلىق 10 نەچچە ياشنى"قارا جەمئىيەت تەشكىللىگەن" دەپ جىنايەت تۇرغۇزۇپ، سوتلىغان.
گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سوتلانغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۈرۈمچىدە تۈرلۈك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ،كىشىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ، جەنۇبتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن، مەكتەپ ۋە يېتىم يېسىرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىپ تۇرىدىغان ساخاۋەتلىك ياشلار ئىكەن.
ئىستانسىمىزنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر ئىلىدىن ئىگىلىشىچە، بولۇپمۇ تىجارەتچىلەر ئارىسىدىكى ئۆمەر روزى ئىزچىل تۈردە ۋاڭ لېچۈەننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ، ئۈرۈمچى يەنئەن كوچىسىدىكى گۇلساي مەھەللىسىنى سېتىۋىلىپ، جەنۇبتىن كەلگەن نامرات ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايونغا ئولتۇراقلىشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەن، ۋاڭ لېچۈەن باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆمەر روزى ئۈستىدىن ھەر خىل بۆھتانلارنى ئويدۇرۇپ، خەلقنىڭ قان تەر - بەدىلىگە بەرپا بولغان گۈلساي مەھەللىسىدىكى ئۆيلەرنى بۇزۇپ چىقىپ، تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۋەتكەن ۋە ئۆمەر روزىنى تىجارەت قىلىشتىن توسۇپ قويغان.
ئارىدىن 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆمەر روزى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاپقىنىدىن قۇتۇلالمىغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسىنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئۈستىدىن چىقارغان سوت ھۆكۈمى ھەققىدە قاتتىق ئەيىبلىدى
- شاياردا بىر ياش مۇدەررىس بالىلارغا قۇرئان ئۈگەتكەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى
- خىتاي دائىرىلىرى قولغا ئېلىنغان بىر ئۇيغۇر مەھبۇسنى 3 كۈندىن بېرى ئاچ قويغان
- خىتاي رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ساقچى ئىدارىسىغا سولىۋالدى