ۋاڭ لېچۈئەن : شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئەل ئىناق، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق


2007.10.16

17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈئەن، 15 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم، ھەر مىللەت خەلقى ئىناق، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق " دېدى.

ۋاڭ لېچۈئەن ئىلگىرى قىلغان سۆزلىرىدە مۇخبىرلارغا، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرى تۈپەيلىدىن ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىققا زىيان يېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم ھەمدە مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئىناقلىقىدىن سۆز ئېچىشى، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئېيتقانلىرى تامامەن ساختا بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ھېچقاچان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. چۈنكى، ئەسلى بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىق ناھايىتى ئېغىر بولۇش بىلەن بىرگە ئۇلار پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت سانىلىپ ، ئۆز مائارىپىدىن مەھرۇم قالغاندىن سىرت يەنە دىنىي ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالماقتا.

ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن خىتايلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ خىل شارائىتتا مىللەتلەرنى " ئىناق" دېيىشنىڭ ئۆزى كۆز بويامچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.