ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان كرورەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى نۆۋەتتە ساياھەتچى ۋە قەدىمىي يادىكارلىق ئوغرىلىرىنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كرورەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ يەردە، ساياھەتچىلەرنىڭ خارابىلىققا قالايمىقان خەت ئويۇش، قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ئورنىدىن رۇخسەتسىز يۆتكەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
بولۇپمۇ -1999يىلدىن بۇيان قەبرە ئوغۇرلاش ئەھۋالى ئېغىر ئەۋج ئېلىپ، كرورەن قەدىمىي خارابىسىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماقتا ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار يېقىندا “ كرورەن قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى باشقۇرۇش لايىھىسى” نى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى بۇ يىل ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىغا سۇنىدىكەن.
كرورەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم قەدىمىي مەدەنىي بايلىقلارنىڭ بىر بولۇپ، ئۇ ئارخىئولوگىيە ساھەسىدە يۈكسەك قىممەتكە ئىگەدۇر. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي يادىكارلىقلارنى بۇزۇش ۋە ئوغۇرلاش ئىشلىرى خېلىدىن بېرى كۆپ كۆرىلىۋاتقان بىر ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك بىر چارە قوللىنىلمىدى.(پەرىدە)