ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېركەشتام چېگرا ئېغىزىدىكى تاموژنا دائىرىلىرى قىرغىزىستاندىن ئېركەشتام چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كىرگۈزۈلمەكچى بولغان ئىككى پاي زەمبىرەك ئوقىنى تېپىۋالغان ۋە ھەر ئىككى ئوقنى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
جۇڭگو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېركەشتام تاموژنا پونكىتىدىكى خادىملار 19 - ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاندىن كىرگەن ئىمپورت ماللارنى تەكشۈرۈۋېتىپ، بىر تۆمۈر - تەسەك قاچىلانغان ماشىنىدىن يۇقىرىقى 2 زەمبېرەك ئوقىنى بايقىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى تېررورچى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا، دەپ ئەيىبلەشكە ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى بېيجىڭدىكى چەتئەللىك دىپلوماتلار بەك ئىشەنچىلىك ئەمەس، دەپ قارىماقتا. چەتئەللىك دىپلوماتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى، دەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئەمەلىيەتتە شەخسى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ قېتىم يۇقىرىقى ۋەقەنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
خەۋەردە ماشىنىدىكى ئىمپورت قىلىنغان تۆمۈر - تەسەكلەرنىڭ كىمگە ئائىت ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن " قىرغىزىستاندا بەزى ماتېرىياللارنى كېرەكسىز نەرسە سۈپىتىدە ئىمپورت قىلىپ پايدا تاپىدىغان بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر، باشقا دۆلەتلەرگە چىقارسا بولمايدىغان قورال - ياراق قالدۇقلىرىنى سېتىپ پايدىغا ئېرىشمەكتە" دەيدۇ.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى تور بېتىدە يۇقىرىقى ئىككى زەمبىرەك ئوقىنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلدى. لېكىن بۇ ئوقلارنىڭ پۈتۈنلەي كاردىن چىققان ياكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. (ئەركىن)
