خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى مەتبە بۇيۇملىرىغا نۇقتىلىق زەربە بەرمەكتە (2)


2008-01-25
Share

خىتاي مىقياسىدا نۆۋەتتە يېڭى يىل كىرىشنىڭ ئالدىدا باشلانغان شەھۋانىي تۈس ئالغان ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ۋە مەتبە، ئۈن ‏- سىن بويۇملىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلغان " شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇپ، قانۇنسىز نەشر بويۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋام ئەتمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر ئېلى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاي بۇيىچە يىلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر كىتاب - ژۇرناللار ۋە دىنىي مەزمۇندىكى نەشر بويۇملىرىنى كەڭ كۆلەمدە تازىلاشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن .

پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ھەرىكەت

بۇ يىل خىتايدا ئىشىكنى ئېچىش ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش سىياسىتى قوللىنىلىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. 1980 ‏- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي جەمئىيىدە شىددەت بىلەن يامرىغان شەھۋانىيلىق ۋە شۇنىڭ بىلەن كېلىپ چىقىۋاتقان بىر قاتار ناشايانلىقلارنى توساش مەقسىتىدە شەھۋانىيلىق ھەم قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى . "سېرىقنى تازىلاش"دەپ نام بېرىلگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ، بۇ يىل - 21 قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلىشى ھېسابلىنىدۇ .

خىتايدىكى مەدەنىيەت بازارلىرى، تۈرلۈك مۇلازىمەت ساھەلىرىدىكى باشقۇرۇشنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بىلەن شەھۋانىيلىقنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە ناھايىتى كەڭ يامرىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا شەھۋانىيلىق ھەم قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر، خەلق ئىچىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىن 44 مىڭنى تاقىغان، 800 دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغان ۋە 2000 دىن ئارتۇق ئادەمنى جازالىغان.

شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇ شۆچىڭ ئەپەندى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ھازىر شەھۋانىيلىق ئېغىر دەرىجىدە يامراپ كەتكەن، ئەمما ھۆكۈمەت'شەھۋانىيلىق' دېگەننى باھانە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر كىتاب ‏- ژۇرناللارنى تازىلىماقتا، ھەتتا 'شەھۋانىيلىق' دېگەننى باھانە قىلىپ نوپۇس سانى ئاز مىللەتلەرگە زەربە بەرمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە 'شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام ئاستىدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە نەشرىيات ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق.

نام باشقا ، مەقسەت باشقا

جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قانۇن خەۋەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلى مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭمۇ شەھۋانىي مەزمۇندىكى مەتبە ۋە نەشر بويۇملىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن باشقا، تۈرلۈك شەھۋانىي سورۇنلارنىڭمۇ بارغانچە يامراپ جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ، ساغلاملىقى ۋە پاكلىقىغا ناھايىتى سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى لى يىنىڭ -17 يانۋار ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدا ئېچىلغان قانۇنسىز سىياسىي ھەم دىنىي نەشر بويۇملىرىغا زەربە بېرىش خىزمەت يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى باشچىلىقىدىكى قانۇنسىز دىنىي ۋە سىياسىي مەزمۇندىكى نەشر بويۇملىرىنى تازىلاش گۇرۇپپىسى، -2007 يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 6435 مەدەنىيەت بازارلىرىنى تەكشۈرۈپ 1مىليون 820مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قانۇنسىز نەشر بويۇملىرىنى مۇسادىرە قىلغان 915 سېتىش نۇقتىلىرىغا جازا كۆرگەن ئىكەن . ئەمما بۇ ھەرىكەت جەريانىدا قانچىلىك كىشىنىڭ جازالانغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كۆچەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى بولۇپمۇ ئۇلار تەرىپىدىن ساغلام بولمىغان ئەيشى ئىشرەت مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشى، قانۇن دائىرىلىرىنىڭ مەدەنىيەت بازارلىرىنىمۇ تەرتىپلىك باشقۇرماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ، مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى بارغانچە يامراشقا باشلىغان شەھۋانىيلىقلار سەگەكلىك بىلەن تازىلاشقا تېگىشلىك ھالەتتە مەۋجۇت بولسىمۇ ،ئەمما ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت بازارلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ،ئىسلامىي ۋە مىللىي ئۆرپ ‏- ئادەت ھەم مىللىي ۋە دىنىي ئەخلاقنىڭ تەبىئىي چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك شەھۋانىيلىق خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدەك ئېغىر دەرىجىدە يامرىمىغان .

ئەمما ، خىتاي دائىرىلىرى قانۇنسىز ۋە شەھۋانىيلىقنى نۇقتا قىلىپ ئېلىپ بېرىلىشقا تېگىشلىك تازىلاش ھەرىكەتلىرىدىمۇ، كۈچىنى ئۇيغۇر ئېلىدە كېڭىيىۋاتقان خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنغان شەھۋانىي بويۇملار ھەمدە شەھۋانىي مۇلازىمەت سورۇنلىرىنى تازىلاشقا قاراتماي ، ئەكسىچە سېرىقنى تازىلاش نامىدا يەنىلا ۋاسىتىلىق ھالدا كۈچىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سىياسىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى بويۇملارغا زەربە بېرىشكە قارىتىۋاتقان بولۇپ . شۇ باھانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازارلىرى ۋە مەتبۇئات ساھەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق تۇغدۇرۇپ ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ۋە دىنىي بېسىمنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە ئىكەن .

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېغىدا جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدا خىزمەت قىلغان ۋە مۇشۇ خىل شەھۋانىي ۋە قانۇنسىز بويۇملارغا زەربە بېرىش نامىدىكى ھەرىكەتلەردىن خەۋەردار بولۇپ ، ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت