ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلار، 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنى نامايىشلار ئۆتكۈزدى
2007.05.01
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 1 - ماي كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا،ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن بېيجىڭغا يىغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن، يۇقىرىلاپ ئەرز قىلغۇچىلار ئارىسىدا، 500 دىن ئارتۇق كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ماجيالۇ دېگەن يەرگە ئاپىرىپ سولاپ قويۇلغان. ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مىڭلىغان ئىشچى ۋە پائالىيەتچىلەر 1 - ماي كۈنى كوچىلارغا چىقىپ،كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.نامايىش جەريانىدا، ئىشچىلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەتتىن مائاش ۋە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر قىسىم شەھەرلەردە، مەسىلەن، جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېئول شەھىرىدە، ئامانلىقنى قوغداش خىزمىتى ناھايىتى قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان. نەچچە مىڭلىغان كىشى ئۇنىۋېرسىتېت كوچىسىدا، يامغۇرغا قارىماي بايراق كۆتۈرۈپ، شۇئار توۋلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك ۋە سودا قانۇنىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تېررىتورىيىسىدىكى ماركو شەھىرىدە، ساقچىلار بەلگىلەپ بەرگەن چېگرىدىن ھالقىپ كەتكەن نامايىشچىلارنى كۆرگەن ساقچىلار ئاسمانغا ئوق ئېتىش ۋە سۇ چېچىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. مەزكۇر جايدىكى نامايىشتا، گەرچە يارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، 5 نەپەر نامايىشچى خىتاي قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن قانۇنسىز ئىشچى قاتارىدا قولغا ئېلىنغان. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چوڭچىڭ شەھرىدە ئايال ئىشچىلار كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى
- خىتايدا يەر-زېمىن داۋاسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- شەرقى خىتايدا نامايىشچى ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش بولدى
- خۇنەننىڭ يۇڭجۇ شەھىرىدىكى توپىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى ؟
- خىتايدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان نامايىش باستۇرۇلدى
- خۇنەندىكى ئامما ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلدى