4 - ئىيۇن ۋەقەسى ھەر قايسى جايلاردا خاتىرىلەندى
2005.06.05
بۇ يىل 1989 - يىلىدىكى " 4 - ئىيۇن" ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 16 يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ۋە نيۇ يورك شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسولخانىلىرىنىڭ ئالدىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.
30 نەچچە كىشى 3 - ئىيۇن كۈنى كەچتە ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا شاملارنى كۆتىرىپ، 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرگەن. يۈزدىن ئارتۇق كىشى نيو-يوركتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن سىرت، خوڭكوڭ ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. خوڭكوڭدىكى 45 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ۋىييۈئەن پۇتبول مەيدانىغا يىغىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 16 يىل ئاۋۋال دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئەسلىگەن.
بۇ ئارىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ تەپەككۈر، سۆز، يىغىلىش ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سىن مەككورمەك باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ 16 يىل بۇرۇن تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى قانلىق باستۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتۇلغان ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغان خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىپ، ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ۋىجدان ئىگىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. (ئارزۇ)