خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى


2005.06.06

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 4 - ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ئاشكارىلاش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن ئامېرىكىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە ئامېرىكا "ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك" دەپ بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تيەنئەنمىن دېموكراتىك ھەرىكىتىگە قايتا باھا بېرىشكە چاقىرغان. ئامېرىكا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى باستۇرۇشتا ئۆلتۈرگەن، يارىلانغان، يوقالغان ھەمدە ۋەقە سەۋەبىدىن تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان نۇرغۇن دېموكراتىك زاتلار، ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تانكىلارنى ئىشقا سېلىپ، يۈزلىگەن، مىڭلىغان كىشىلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇنى رەت قىلىپ، 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى باستۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتا زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى باستۇرۇش قارارىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.