شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى پەيشەنبە كۈنى 10 - كۈنىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئەمما تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى يەنىلا چوڭقۇر بولۇپ، سۆھبەت ئىلگىرلەشكە ئېرىشلەمىدى.

شىمالىي كورىيە، يادرو ئەسلىھەلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىغا ئېچىۋېتىش مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلغان. جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىمالىي كورىيە خەلقئارا نازارەتنىڭ يادرو قوراللار ۋە يادرو قوراللار پىلانى بىلەن چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا يادرو قوراللار بىلەن بىرگە يادرو رياكتور قازانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تەرەپلەر پەيشەنبە كۈنى بۇ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا شىمالى كورىيە ئامېرىكىنىڭ تەلپىنى رەت قىلغان. ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفىر خىلل، " بىز شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللاردىن يالغاندىن ۋاز كېچىشىنى شۇنداقلا بىز بۇنىڭغا يالغاندىن ئىشنىشنى خالىمايمىز،" دېدى.

كرىستوفىر خىللنىڭ تەكىتلىشىچە، شىمالىي كورىيە نىمىلەردىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېنىق جاكالىشىغا توغرا كېلىدىكەن. شىمالىي كورىيە، سۆھبەت ئۈستىدىلىكى خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان پرىنسىپال ھۆججەتكە قول قويۇشنى رەت قىلغان بىردىن بىر دۆلەت. (ئەركىن)