شىمالىي كورىيە 6 تەرەپ يادرو سۆھبىتىدە "ئىلگىرىلەش بولمىدى"


2006.12.22

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي كورىيە 6 تەرەپ يادرو سۆھبىتىگە ۋاقتىنچە ئارا بېرىلدى ۋە سۆھبەتتىن كېيىن رەئىس خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى. لېكىن سۆھبەتتە "بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان". بۇ قېتىم خىتاي، رۇسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە ۋەكىللىرى بېيجىڭدا بەش كۈن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى ۋە سۆھبەتنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنىڭ كونكرېت كۈن تەرتىپىمۇ ئېلان قىلىنمىدى.

يىغىنغا قاتناشقان خىتاي سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋۇ داۋېي، ھەر قايسى تەرەپلەر سۆھبەتنى ئەڭ تېز ئارىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يىغىننىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفىر خېلل، ئامېرىكىنىڭ سەۋر - تاقىتى تۈگەۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە شىمالىي كورىيە ۋەكىلى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پيوڭياڭغا يۈرگۈزگەن پۇل - مۇئامىلە ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ئامېرىكا ۋەكىلى پيوڭياڭنىڭ مۇرەسسەلىشىشنى رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

شىمالىي كورىيە ۋەكىلى كىم كيې گۋان، ئەگەر ئامېرىكا ئىمبارگونى بىكار قىلمىسا، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار زاپىسىنىڭ ئازىيىش ئەمەس، كۆپىيىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ قېتىمقى سۆھبەت 13 ئاي توختاپ قالغان ۋە شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ 2 ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاي ھەل قىلغۇچ دۆلەت، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.