بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە پارلامىنتىنىڭ باش كاتىبى ياسۇخىسا شىئوزاكى ئەپەندى بۈگۈن، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ھازىر بېيجىڭدا ئەمەس بېرلىندا باشلانغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ "ئالتە تەرەپ سۆھبىتى بىر مۇھىم قۇرۇلما، سۆھبەت دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ياخشى نەرسە ئىدى" دېدى.
ئالتە تەرەپ سۆھبىتى بېيجىڭدا بىر نەچچە يىل داۋاملىشىپ، ئاخىرى شىمالىي كورىيە 2006 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلغاندىن كېيىن توختاپ قېلىشقا يۈزلەنگەن ئىدى. (ۋەلى)