سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىنى گېرمانىيىدە ئېچىلماقچى

سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ 33- نۆۋەتلىك يىغىنى 6- ئىيۇندىن 8 - ئىيۇنغىچە، گېرمانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مېكلەنبۇرگ-ۋورپوممېرن شتاتىنىڭ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى خىلۋەت جايى خېيلىگېندامدا ئېچىلىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىغا، يۇقىرىقى سەككىز دۆلەت ئەربابلىرىدىن، ، جورج ۋ بۇش (ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى) ، ستېفان خارپېر (كانادا)، توني بلايېر (بۈيۈك بېرىتانىيە)، نىكولاس ساركوزي (فرانسىيە)، ئانجىللا مېركېل (گېرمانىيە)، رومانو پرودى (ئىتالىيە)، شىنزو ئابې (ياپونىيە) ۋە ۋىلادىمىر پوتىن (رۇسىيە) قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، يەرشارىلىشىش ۋە ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلار بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشنىڭ مەركىزى نۇقتىسى، "ئىلگىرىلەش ۋە مەسئۇلىيەت" باش تېما قىلىنىدىكەن.

ھالبۇكى، 3- ئىيۇن، گېرمانىيىنىڭ روستوك پورتىدا مىڭلىغان ‏- ئونمىڭلىغان ئامما، مەزكۇر يىغىنغا ۋە يەرشارىلىشىش ئىدىيىسىگە قارشى نامايىش قىلدى. نامايىش داۋامىدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ئامانلىق ساقلاش ئۈچۈن 16 مىڭ ساقچى ئاجرىتىلغان بولۇپ، توقۇنۇشتا 140تىن ئارتۇق ساقچى يېنىك دەرىجىدە 25 نەپەر ساقچى ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندى ۋە 78 نەپەر نامايىشچى قولغا ئېلىندى.

بۇ قېتىملىق نامايىشىنى، يەرشارىلىشىشقا ۋە نامراتلىققا قارشى تۇرغۇچى تەشكىلاتلار تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەخمىنەن 80مىڭ ئامما نامايىشقا قاتناشقان. ئەمما ساقچىلار، 30 مىڭ ئادەم قاتناشتى، دەپ بىلدۈرمەكتە.(جۈمە)