ئامېرىكا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى
2004.09.12
ئامېرىكىلىقلار شەنبە كۈنى 11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى، نيۇ - يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ ئورنى ۋە پېنسىلۋانىيە شتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ كۈنى ئامېرىكا پرىزدېنتى جورجې بۇش تېلېۋېزور نۇتۇقى سۆزلەپ، 11 - سېنتەبىر دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن، مەن ئاقسارايدا بۇ كۈننى ئامېرىكا خەلقى بىلەن بىرگە خاتىرلەيمەن، ئامېرىكا خەلقى 2001 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقەدە ئېغىر بەدەل تۆلىدى . بۇنىڭ تەسىرى ھازىرغىچە ھىس قىلىنماقتا، دېدى. پرىزدېنت بۇش يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى : 11- سىنتەبىر ئامېرىكىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى، ئامېرىكا ئومۇمىي يۈزلىك مۇداپىئەنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېرورىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەيدۇ.
2001 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا ھاۋا يوللىرىنىڭ 4 يولۇچىلار ئايروپىلانى 19 نەپەر تېرورچى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىدى. گۆرۈگە ئېلىنغان ئايروپىلانلارنىڭ ئىككىسى نيۇ-يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ قوشماق بىناسىغا، بىرى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ 5 بۇرجەكلىك بىناسىغا سوقۇلغان، گۆرۈدىكى يەنە بىر ئايرۇپىلان پېنسىلۋانىيە شتاتىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ۋەقەدە 3 مىڭدەك ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا خەلقارا تېرورىزىمغا قارشى كۈچلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراقتىكى ساددام ھۈسەيىن ھۆكۈمىتىنى يوقاتتى. بىراق 11 - سىنتەبىر تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ باش جاۋابكارى دەپ قارالغان ئەل - قايدە رەھبىرى ئۇساما بىن لادېن ھازىرغىچە قولغا چۈشمىدى. (ئەركىن)