جورجى بۇش دۇنيا سودا سارىيى خارابىسىدا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلىغان بىگۇنا خەلقنى ئەسلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2001 ‏- يىلى يۈز بەرگەن 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ھارپا كۈنىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش نيۇيورك شەھىرىدىكى دۇنيا سودا سارىيى خارابىسىغا بېرىپ، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن نەچچە مىڭلىغان بىگۇنا خەلققە ئاتاپ گۈلچەمبىرەك قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا، بۇ خارابىلىققا يېقىن جايدىكى بىر خرستىئان ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان خەلقنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت بۇش 11 ‏- سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە، دەل بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن تېررورچىلار قولىغا كىرگۈزىۋالغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بىرىنچى قېتىم بىناغا سوقۇلغان ۋاقىتتا، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار بىلەن بىرلىكتە ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇنا خەلق ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيەتلىك ئەللەردىمۇ خاتىرىلەندى. (ۋەلى)