ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى سەيشەنبە كۈنى بىر قانچە نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ 3 نەپىرى سۈرىيە ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان، بىرى كىشى يارىلانغاندىن كېيىن ئەسىرگە ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى ئىچىدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلار بولمىدى.

قوراللىق ئۇنسۇرلار ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئاپتوماتىك قوراللار ۋە گراناتلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەلچىخانا قورۇسىغا كىرەلمىگەن. ئەلچىخانىنى قوغداۋاتقان سۈرىيە ئامانلىق خادىملىرىدىن ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئۆلگەن، پۇقرالارنى ھېسابلىغاندا 11 ئادەم يارىلانغان بولۇشى مۇمكىن. ۋەقەدە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قوشنا قورادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتىك خادىمى يارىلاندى. ئۇ، ئەينى چاغدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ ۋەقەنى كۆزىتىۋاتقان ئىكەن.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئەلچىخانىغا ھۇجۇم قىلغاندا " ئاللاھۇ - ئەكبەر" دەپ ۋاقىرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ۋەقە سۈرىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى جەنۇبىي لىۋاندىكى ھىزبۇللا - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا يۈز بەردى. (ئەركىن)