ئامېرىكا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئاخبارات پائالىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رېبېرت مېللىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىغا ئەمەلىي تەھدىت پەيدا قىلماقتا. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتىگە قارشى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېللىر ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەدلىيە كومىتېتىدا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكا ھەربىي تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپلا قالماي، ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنىمۇ ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەت دائىرىسىنى "ئامېرىكىغا ئەمەلىي تەھدىت سېلىش باسقۇچىغا بېرىپ قالدى" دەيدۇ. گەرچە بۇ قېتىمقى يىغىن ئاشكارا يىغىن بولسىمۇ، لېكىن مېللىر گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەت ئەھۋالى ۋە ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىلگىرلەپ توختىلىشنى خالىمىدى.
ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئورگاننىڭ سۈرۈشتۈرۈش دائىرىسىدىكى خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە چېتىلىدىغان دىلولار 2001 -يىلدىن بېرى% 12 ئاشقان.
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مۇدىرى ئىشخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، ئامېرىكىدا 3000 دەك خىتاي جاسۇسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق پائالىيىتى ھەققىدىكى ئىدىيىسىنى " يامان نىيەتلىك " دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)