سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى
2006.07.16
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق سەككىز چوڭ سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى 16-ئىيۇل كۈنى رۇسىيىنىڭ ساھىبخانلىقىدا سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ئېچىلدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلانغان ھەمدە بۇ مەسىلىدە پىكىرلەر ھەر خىل بولغان. فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك لىۋاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى، مۇقىملىقى ھەم بىخەتەرلىكىگە كرىزىس ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى توختىتىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن . ئەمما، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بلايىرنىڭ پىكرى ئورتاق بولۇپ، بۇش "ئىسرائىلىيە بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى ھەر قانداق تېررورلۇق ھەرىكەتتىن قوغداش ھوقۇقى بار" دەپ بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جورجى بۇش بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىنىڭ "ھىزبۇللانىڭ سۈرىيە ھەم ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق" ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى شەنبە كۈنىدىكى يىغىندا ئېنېرگىيە، مائارىپ، ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، مەزكۇر مەسىلە بويىچە بىرلەشمە خىتاپنامە ئېلان قىلغان. خەۋەرلەردىن قارىغاندا مەزكۇر خىتابنامىدە بىخەتەر ئاتوم ئېنېرگىيىسىنىڭ يەر شارىدا كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.(ئۈمىدۋار)









