ۋېيتنام باش مىنىستىرى فەن ۋىنكەي ئۆزىنىڭ كىلەر ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، ۋېيتنام ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان 30 يىلدىن بۇيان، ۋېيتنام رەھبىرىنىڭ تۈنجى قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
فەن ۋىنكەي بۇ پىلانىنى پەيشەنبە كۈنى ئاۋىستىرالىيىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە ئاشكارىلىدى. رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئۇ كەلگۈسى زىيارىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ زىيارىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا رايۇنىدىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېيتنام ئۇرۇشىدا، ۋېيتنام كومپارتىيىسىنى بار كۈچى بىلەن قوللىغان بولۇپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ۋېيتنامنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن، خىتاي - ۋېيتنام مۇناسىۋىتىدە زىل ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئىككى دۆلەت كېيىنچە ھەتتا قىسقا ۋاقىت توقۇنۇشقان ئىدى.
گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭ بىلەن خانوينىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلانغان بولسىمۇ، بىراق كۈزەتكۈچىلەر ئىككى تەرەپنىڭ يەنىلا بىر- بىرىگە ئىھتىياتچان مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ۋېيتنام 10 يىل ئاۋۋال دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، دىپلوماتىك ۋە سودا ئالاقىسىنى بارغانسىرى كۈچەيتمەكتە. (ئارزۇ)
