كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسى ۋاشىنگتوندا تىكلەندى

6 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسى تىكلەندى. ئابىدە تىكلەش مۇراسىمىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا يېقىن جايدا قەد كۆتۈرگەن بۇ ئابىدە 1989 ‏- يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار لايىھىلىگەن ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلىنىڭ تەقلىد نۇسخىسىدۇر.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسىنى تىكلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە "دۇنيا ھازىر كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرنىلا بىلىدۇ"، "كوممۇنىزم سوۋېت ئىتتىپاقىدا، خىتايدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم سانى يۈز مىليوندىن ئاشىدۇ"، "كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتى كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن يەنە، كىشىلەرنىڭ غۇرۇر-ئىپتىخارىنى ۋە پاجىئە توغرىسىدىكى ئەس -خاتىرىسىنى يوق قىلىۋېتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە"، "بۈگۈن ۋاشىنگتوندا تىكلەنگەن بۇ ئابىدە كىشىلەرنىڭ غۇرۇر -ئىپتىخارىنى، ئەس -خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئەستىن چىقارماسلىق رولىنى ئوينايدۇ"، "كوممۇنىزم ۋە تېررورچىلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ " دېدى.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ "بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۆز -ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە قارشى تۇرىمىز" دېگەن .(ۋەلى)