خىتاي پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئابىدە تىكلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى


2007.06.14

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئابىدە تىكلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش 6 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى ۋاشىنگتوندا كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئابىدە تىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ : " كوممۇنىزىمنىڭ، سوۋىت ئىتتىپاقىدا، خىتايدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم سانى يۈز مىليوندىن ئاشىدۇ" دەپ كۆرسىتىپ : " بۈگۈن، ۋاشىنگتوندا تىكلەنگەن بۇ ئابىدە كىشىلەرنىڭ غۇرۇر ‏- ئىپتىخارىنى، پاجىئەلەر ھەققىدىكى ئەسلىمە خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق رولىنى ئوينايدۇ، كوممۇنىزم ۋە تېررورچىلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ" دېگەن ئىدى.

خىتاي تەرەپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ " كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسىنى تىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى، سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى ئىدىيىسى بىلەن ئىدېئولوگىيە قارىمۇ - قارشىلىقىنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت" دېدى.

كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسى، 1989 ‏- يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار لايىھىلىگەن " ئەركىنلىك ئىلاھى" ھەيكىلىنىڭ تەقلىدى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى " 4‏ - ئىيۇن ۋەقەسى" نى خاتىرىلەشنى ئىزچىل تۈردە قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.