خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئابىدە تىكلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ۋاشىنگتوندا كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئابىدە تىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ : " كوممۇنىزىمنىڭ، سوۋىت ئىتتىپاقىدا، خىتايدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم سانى يۈز مىليوندىن ئاشىدۇ" دەپ كۆرسىتىپ : " بۈگۈن، ۋاشىنگتوندا تىكلەنگەن بۇ ئابىدە كىشىلەرنىڭ غۇرۇر - ئىپتىخارىنى، پاجىئەلەر ھەققىدىكى ئەسلىمە خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق رولىنى ئوينايدۇ، كوممۇنىزم ۋە تېررورچىلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ" دېگەن ئىدى.
خىتاي تەرەپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ " كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسىنى تىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى، سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى ئىدىيىسى بىلەن ئىدېئولوگىيە قارىمۇ - قارشىلىقىنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت" دېدى.
كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسى، 1989 - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار لايىھىلىگەن " ئەركىنلىك ئىلاھى" ھەيكىلىنىڭ تەقلىدى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى " 4 - ئىيۇن ۋەقەسى" نى خاتىرىلەشنى ئىزچىل تۈردە قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)