چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى شاڭخەيلىك ئادۋوكاتنىڭ تەقدىرىگە دىققەت قىلماقتا


2005.03.01

شاڭخەيدىكى ئەدىلىيە تارماقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گو گوتىڭنىڭ ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسىنى بىر يىل توختىتىش ھەققىدە تەھدىد سالدى.

باش شتابى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گو گوتىڭ ، دۆلەت مەخپىيەتلىرىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر مۇخبىر ۋە بىر قانچە ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرگە ئاقلىغۇچى بولغان. شۇڭا، شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى 23 - فېۋرال كۈنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى ئاختۇرۇپ، كومپيۇتېرى ۋە ئادۋوكاتلىق كېنىشكىسىنى تۇتۇپ قالغان.

شاڭخەي شەھەرلىك سوت تارماقلىرى جۈمە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىپ، گو گوتىڭنىڭ ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسىنى بىر يىل توختىتىشنى قارار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ئەدىلىيە مىنسىتىرى جاڭ فۇسىڭغا خەت يېزىپ، " گو گوتىڭنىڭ دىلوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش سەمىمىيىتىنىڭ يوقلىغىنى كۆرسىتىدۇ. گو گوتىڭنىڭ قانۇن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلىگەنلىك، ئۇ ئاقلاۋاتقان مۇخبىر ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق بىلەن باراۋەر" دەپ كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.