ئافغان پرېزىدېنتى ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى تەنقىد قىلدى
ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي شەنبە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 90 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئافغان پۇقراسى ئۆلگەن.
ئافغانىستان پرېزىدېنتى كابۇلدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا":ئۈچ كۈن ئىچىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇزگان ۋىلايتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدىلا 52 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئافغان پۇقراسى ئۆلۈۋاتىدۇ. مەن بۇندىن بۇرۇن دېگەندەك، بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز" دېگەن.
ئافغانىستان پرېزىدېنتى، ئافغانسىتاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ، ئافغان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ": مەن ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرىدىن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمەن. لېكىن مىنىڭ بۇ تەلەپلىرىم، دىققەتكە ئېلىنمايۋاتىدۇ. دېگەن. ئەمما بۇندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى بىز ئۇلاردىن تەلەپ قىلغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك" دەپ تەكىتلىدى.
بۇ ئارىدا ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى شەنبە كۈنى ئافغانىستان- پاكىستان چېگرالىرىدا، 60 نەپەر ئىسيانچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.(ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراق ۋە ئافغانىستانلاردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
- ئافغانىستاندا قىز ئوقۇغۇچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
- خامىد كارزاي ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
- ئامېرىكىدا ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان 6 نەپەر تېررورچى گۇماندار تۇتۇلدى
- پاكىستاندىكى قەبىلە رەئىسى ئوسما بىن لادىن ۋە موللا ئۆمەرگە پاناھلىق بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 12 كىشى ئۆلدى
- ئامېرىكا- ئافغان بىرلەشمە ئارمىيىسى 30 دىن ئارتۇق تالىبان مىلىتانلىرىنى يوقاتتى
- ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تاھىر يولداشنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
- ئافغانىستان پرېزىدېنتى تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى توقۇنۇشلاردا ئونلىغان چەتئەللىك مىلىتانت ئۆلگەن