ئافغانىستاندا قىز ئوقۇغۇچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
2007.06.12
12- ئىيۇن كۈنى ئافغانىستاننىڭ كەلەنگەر رايونىدا نامەلۇم كىشىلەر، قىز ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى كىچىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قىزىنى ئۆلتۈرگەن. ھۇجۇمدا ئۈچ قىز ئوقۇغۇچى يارىلانغان.
ئافغانىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھۇجۇمدا ئۆلگەن ئىككى كىچىك قىز، قەلەي سەيد ھەبىبۇللا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.
ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ تالىبان قالدۇقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن، تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى، قىز ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تالىبانلارنىڭ بۇ ھۇجۇمدا ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىدى.
لېكىن، كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئافغانىستاندا تالىبانلار ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، قىزلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشى ۋە ئاياللارنىڭ ئىدارە-جەمئىيەتلەردە ئىشلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئافغانىستاندىكى پۈتۈن قىزلار مەكتىپى تاقالغان. ھەتتا ئاياللارنىڭ يالغۇز سىرتقا چىقىشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خامىد كارزاي ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ 4 - ئىيۇل قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى
- پاكىستاندىكى قەبىلە رەئىسى ئوسما بىن لادىن ۋە موللا ئۆمەرگە پاناھلىق بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 12 كىشى ئۆلدى
- ئامېرىكا- ئافغان بىرلەشمە ئارمىيىسى 30 دىن ئارتۇق تالىبان مىلىتانلىرىنى يوقاتتى
- ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تاھىر يولداشنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
- ئافغانىستان پرېزىدېنتى تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى توقۇنۇشلاردا ئونلىغان چەتئەللىك مىلىتانت ئۆلگەن