تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان ئىككى گېرمان پۇقراسىى ئۆلتۈرۈلدى


2007-07-21
Share

ئافغانىستاندا قايتىدىن تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى قارى مۇھەممەت يۇسوف ئەخمەدى، چارشەنبە كۈنى تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان 2 گېرمان ۋە 5 ئافغان ئېنژىنېرىنىڭ ئۆلتۈرلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغان ۋە گېرمان ئېنژىنېرلىرى بۈگۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبانلار ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستان تۈرملىرىدە يتىۋاتقان تالىبان جەڭچىلىرىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىبىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلگەن.

تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى يۇسۇف ئەخمەدى شەنبە كۈنى فرانىسيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، "ئەگەر ئافغانىستاندا تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تالىبانلار يەكشەنبە كۈنىگىچە قويۇپ بېرىلمىسە، تالىبانلار، ئافغانىستاندا گۆرۆگە ئېلىنغان 18جەنۇبىي كورىيە پۇقراىسىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلايدۇ،"دەپ ئاگاھلاندۇرغان. تالىبانلار شۇنداقلا جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىدىن ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى دەرھال چىكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.

تالىبانلار تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ غەزنى ئۆلكىسىنىڭ قاراباغ رايونىدا گۆرۆگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرى، ئافغانىستاندا خىرسىتىئان دىنىنى تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرى، ئافغانىستاندا خىرسىتىئان دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن پائالىيەت بېرىۋاتقان گۇرۇپپىلار ئارسىدا مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئافغانىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خرىستىئان دىن تارقاتقۇچى جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى 120 كىشىگە يېتىدىكەن.

بۇ ئارىدا جەنۇبىي كورىيىنىڭ پرېزىدېنتى رو مو ھۇيىن شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندىكى تالىبان مىلىتانتلىرىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇنداقلا، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە تالىبانلار بىلەن سەمىمى سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت