كابۇلدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 1 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 5 ئافغان پۇقراسى ئۆلدى


2007.10.06

شەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىدە، ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي ئەترىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا، بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 5 ئافغان پۇقراسى ئۆلگەن. ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان كىشى يارىلانغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ھۇجۇم، ئۆتكەن سەككىز كۈن ئىچىدە كابۇل شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچۈنچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ ئارىدا ئافغانىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا جايلاشقان خوست شەھىرىدە، يولغا ئورۇنلاشتۇرلغان بىر بومبىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 5 ئافغان ساقچىسى ئۆلگەن.

ئۆتكەن يىلى بولۇپمۇ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىدا ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە ۋە ئافغان مىللىي ئارمىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن قۇربان بەرگەن ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان تالىبان قالدۇقلىرى، بۇ يىل ئاساسلىق نىشانىنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىشقا قاراتقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تالىبان قالدۇقلىرى چوڭ شەھەرلەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئافغانىستان خەلقىغە،ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.