ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا 80 نەپەر تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئۆلتۈردى


2007.10.28

ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە شەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ ھېلموند ئۆلكىسىدە تالىبانلار بىلەن ئېلىپ بارغان بىر مەيدان ئۇرۇشتا 80 نەپەر تالىبان جەڭچىسىنى ئۆلتۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە ئامېرىكا تەرەپ بۇ ساننى ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېخى مۇقىملاشتۇرۇلمىغان، بىراق، يەرلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ جەڭدە 15تىن 20 غىچە تالىبان جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلگەن ، ئەمما بۇ ساننىمۇ تېخىچە دەلىللەشلەرگە ئېرىشەلمىگەن. مەزكۇر جەڭ تالىبان قوشۇنلىرىنىڭ چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كەسكىن ئۇرۇش يۈز بەرگەن ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرى يېتىپ كېلىپ جەڭگە ماسلاشقان.

ھېلموند ئۆلكىسى ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ قەندىھار قاتارلىق جايلارغا ئوخشاش تالىبانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك نۇقتىلاردىن ھېسابلىنىدىكەن. بىرلەشمە ئارمىيە مەزكۇر جايلارنى كونترول قىلىپ، تالىبانلارنىڭ قارشىلىقلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيان مەزكۇر جايلاردا ئامېرىكا باشلىق غەرب قوشۇنلىرى بىلەن تالىبانلار ئارىسىدا ھەر خىل شەكىلدىكى توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، 250 دىن ئارتۇق تالىبان جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم جايلاردا باش كۆتۈرۈشكە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ناتو ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، غەلىبە قازىنالمىدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.