ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا، 23 تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلگەن. بىرلەشمە ئارمىيە خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېلمەند ئۆلكىسىنىڭ گرمسىر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا 11 تالىبان مىلىتانتى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن. بىرلەشمە ئارمىيە خادىملىرى، بۇ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە بىرنېمە دېمىگەن.
بۇ ئارىدا فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن شەنبە كۈنى قەندەھار ئۆلكىسىنىڭ زىراي رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تازىلاش ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە 10 تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە رايوندا توقۇنۇشلار تېخى داۋاملاشماقتا.
2001- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان تالىبانلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ئافغانىستان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىغا قارشى ھۇجۇمغا ئاتلانغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى بولۇپمۇ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملار يولغا قويغان ھەمدە بەزى رايونلارنى كونتروللىقىنى قايتىدىن قولغا ئالغان ئىدى. ئەمما بۇ ھۇجۇملار جەريانىدا قاتتىق زەربىلەرگە ئۇچرىغان تالىبان مىلىتانتلىرى بۇ يىل ئاساسەن كىچىك گۇرۇپپىلار شەكلىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئىشلىتىۋاتقان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار قاتارلىق تاكتىكىلارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. (ئۆمەر قانات)
