ئافغانىستاندىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلدى


2008.03.15

شەنبە كۈنى، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا جايلاشقان خوست شەھىرىدە، مەزكۇر شەھەردىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا، ئىككى ئافغان پۇقراسى ئۆلگەن ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەسكىرى يارىلانغان.

بۇ ھۇجۇم، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى كابۇل شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدىن كېيىن، بىر ھەپتە ئىچىدە ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. پەيشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمدا 6 ئافغان پۇقراسى ئۆلگەن ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ تۆت ئەسكىرى يارىلانغان ئىدى.

ئافغانىستان- پاكىستان چېگرا رايونىغا جايلاشقان خوست شەھىرى، بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان بولۇپ، 4‏ - مارت كۈنى مەزكۇر شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان بىر ھۇجۇمدا ئىككى ئافغان پۇقراسى ۋە ئىككى ئىتتىپاقداش ئارمىيە خادىمى ئۆلگەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.