ئافغانىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى

ئافغانىستاندا 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىشلىرى 18 -سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىپ، كۆپ قىسىم بېلەت تاشلاش پونكىتلىرى تاقالدى.

گەرچە سايلام مەزگىلىدە بىر قىسىم زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقنىڭ سايلامغا بولغان قىزغىنلىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان ئافغان خەلقىنىڭ سانى12 مىليوندىن ئاشقان.

30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بۇ پارلامېنت سايلىمىدا، ئافغانىستان تۆۋەن پالاتاسىدىكى 249 ئورۇنغا جەمئىي 2800 نەپەر كاندىدات ئۆزىنى كۆرسەتكەن. قالغان 3000 كاندىدات بولسا، ئۆلكە دەرىجىلىك كېڭەش ئەزالىق ئورنىنى تالىشىدۇ.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سايلام باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى زەمبىرەك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پارتلاشتا تىنچلىق قوغدىغۇچى قىسىمدىكى بىر نەپەر فرانسىيىلىك ئەسكەر قازا قىلغان.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر قىسىم قوراللىق كۈچلەر سايلامدىن بۇرۇنمۇ، مەزكۇر سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى سايلام پونكىتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن 40 مىڭ ئەسكەر ئاجراتقان. شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىمۇ بۇ يەرگە 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئورۇنلاشتۇرغان. (پەرىدە)