ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى 3000 ئەسكىرىنى قىسقارتماقچى

"نيو-يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى ئافغانىستاندىكى 3000 ئەسكىرىنى قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامزفېلد دۈشەنبە كۈنى بىر پارچە بۇيرۇق ئىمزالاپ، كېلەر يىلى يىل بېشىغىچە، ئافغانىستاندىكى 19 مىڭ ئەسكىرىنى 16 مىڭغا قىسقارتىشنى قارار قىلدى. پەنتاگون يەنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ قارارنىڭ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئالىي قوماندانى ۋە ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابىنىڭ تەكلىپى بويىچە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەنتاگون يەنە، ئۇلارنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشتا، ئافغانىستاندىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساپاسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رولىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەرەققىيات ئەھۋالىنىمۇ نەزەردە تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)