ئەنگىلىيىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى كۆپەيتىلىدۇ

ئەنگىلىيە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرىنى ھازىرقى 1100 كىشىلىك قوشۇندىن 5700 كىشىلىك قىسىمغا كۆپەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگىلىيە قىسىملىرى جەنۇبىي ئافغانىستاندىكى ش ئا ئو ئە ت قوشۇنلىرىنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جون رېيد، بۇ قىسىملار تالىبان كۈچلىرى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە قارشى قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ قالىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يەردە تۇرىدىغان قىسىملارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى " تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش" ئەمەس. بەلكى تالىبانلارنىڭ ئافغان پۇقرالىرىنى قايتا چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشىدىن قوغداش ئىكەن.

ئەنگىلىيە بۇ يىل 5 - ئايدا ئافغانىستاندىكى ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالىدۇ. جەنۇبىي ئافغانىستاندىكى ھېلماند ئۆلكىسى تالىبانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇملىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەپيۈن ئەڭ كۆپ تېرىلىدىغان رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئافغانىستاندىكى ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنىڭ سانى 9200 ئەتراپىدا بولۇپ، ئەنگىلىيە بۇ يەردىكى قىسىملىرىنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، بۇ سان 15000 غا يەتكۈزۈلۈشى مۈمكىن. (ئەركىن)