خەلقئارا جامائەت ئافغانىستانغا ياردەمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى


2006-02-01
Share

ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش مەسىلىسىدە ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يېغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئافغانىستانغا يەنە 2 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان.

ئافغانىستان ئۈچۈن يەنە ئەڭ كۆپ ياردەمنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى تەمىنلەيدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2006 ‏- يىلىدا ئافغانىستانغا بىر مىليارد يۈز مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگىلىيە بولسا ئۈچ يىل ئىچىدە 805 مىليون دوللار بېرىشنى ۋەدە قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى لى جاۋ شىڭ 31‏- يانۋار كۈنى لوندوندىكى يېغىندا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2006 - يىلىدا ئافغانىستانغا 10 مىليون دوللار ئەتراپىدا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

لوندوندىكى يېغىنغا 70 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن 5 يىللىق بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويغان. (قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت