ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش مەسىلىسىدە ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يېغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئافغانىستانغا يەنە 2 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان.
ئافغانىستان ئۈچۈن يەنە ئەڭ كۆپ ياردەمنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى تەمىنلەيدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2006 - يىلىدا ئافغانىستانغا بىر مىليارد يۈز مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگىلىيە بولسا ئۈچ يىل ئىچىدە 805 مىليون دوللار بېرىشنى ۋەدە قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى لى جاۋ شىڭ 31- يانۋار كۈنى لوندوندىكى يېغىندا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2006 - يىلىدا ئافغانىستانغا 10 مىليون دوللار ئەتراپىدا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
لوندوندىكى يېغىنغا 70 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن 5 يىللىق بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويغان. (قانات)