ئافغانىستاندىكى پارتلاشتا 4 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى

13‏- فېۋرال كۈنى ئافغانىستاننىڭ مەركىزى رايونىغا جايلاشقان ئۇرۇزگان ۋىلايىتىنىڭ دىھراۋۇد رايونىدا يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبا پارتلاپ، تۆت ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى.

ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتىن كېيىن تالىبان پىدائىيلىرى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە چارلاشقا چىققان ئافغان قىسىملىرىنى ئېغىر قوراللار بىلەن ئوققا تۇتقان.

تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن رايونغا ھەربىي تىك ئۇچارلار ۋە ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى ئەۋەتىلگەن. توقۇنۇشلاردا قانچىلىك تالىبان پىدائىيلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى تېخى مەلۇم ئەمەس.

ئافغانىستاندا قايتىدىن تەشكىللىنىشكە باشلىغان تالىبان قالدۇقلىرى، بولۇپمۇ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدا ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈنسېرى كۈپەيتمەكتە. ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 1500 ئەتراپىدا ئافغان پۇقراسى ۋە تالىبان پىدائىيسى ۋە 91 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرى ئافغانىستاندا ئۆتكەن تۆت ئاي ئىچىدىلا 20 دىن ئوشۇق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئېلىپ بارغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نەچچە مىڭلىغان ئامېرىكا ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قسىئىملىرى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلمۇ تىنچ ئەمەس ئىكەن. 13‏- فېۋرال كۈنى كابۇل شەھرىدە يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئافغان ئەسكىرى يارىلانغان. (قانات)