بىرلەشمە ئارمىيە 65 تالىبان ئەسكىرىنى ئولتۇردى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى 24-ئىيۇن كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار ئۆلكىسىدە تالىبانلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئىلگىرى كېيىن 65 تالىباننى ئۆلتۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تالىبان قالدۇقلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھۇجۇملار ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتان بولۇپ، ئىككى ھەپتە جەريانىدا 150 دىن ئارتۇق تالىبان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن.

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يېقىندىن بۇيان كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، كۆپ قېتىم توقۇنۇشلار كېلىپ چىقىپ، كۆپ ئىككى تەرەپتىن خېلى كۆپ ساندا ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا 6000 دىن ئارتۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوشۇنى ئوئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالماقتا. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرلىرى ئاساسلىق جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىكەن. (ئۈمىدۋار)