6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ناتونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ كوماندىرى گېنېرال لېتېنانت رىچارد ب ب س مۇخبىرىغا "ئىراق ئۇرۇشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئافغانىستانغا بولغان دېققىتى بۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئافغانىستان بوش قالدى. ئەگەر 2001 - يىلى تالىبان ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنلا، خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال ئافغانىستانغا زور ئەسكىرىي كۈچ توپلىغان بولسا، تالىبانلار بۈگۈنكىدەك كۈچلىنىپ كەتمىگەن بولاتتى، دېگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ناتو كوماندىرى گېنېرال لېتىنانت رىچارد مۇخبىرغا يەنە "ناتو بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا تالىبانلارغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىدۇ. پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىدىغان يېڭى تەدبىر قوللىنىدۇ. بۇرۇن ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاننىڭ شىمال ۋە غەرب تەرەپلىرىدە تۇراتتى، ئەمدى 7 - ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئافغانىستاننىڭ جەنۇب تەرىپىدىمۇ ئەسكەر تۇرغۇزىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرغۇزىدىغان ئەسكەر سانىلا 1100 دىن 5700 گە يەتكۈزىلىدۇ" دېگەن. (ۋەلى)