ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن تالىبان قوراللىق قوشۇنلىرى ئارىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملىق يۈز بەرمەكتە.
ئامېرىكا قوماندانلىقىدىكى ئۈچ مىڭ ئەنگلىيە ئەسكىرى قاتناشقان ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ كۆلەملىك تالىبان قالدۇقلىرىنى تازىلاش ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا شەنبە كۈنى 12 نەپەر تالىبان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن. 2 نەپەر ئەنگىلىيە ئەسكىرى ئۆلگەن. مەزكۇر ئىككى نەپەر ئەنگلىيە ئەسكىرى تالىبانلارنىڭ كىچىك تىپتىكى راكېتا بىلەن قىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ئۆلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت نەپەر بىرلەشمە ئارمىيە جەڭچىسى يارىدار بولغان ئىكەن.
ئامېرىكا قوماندانلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلمەند ئۆلكىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھۇجۇملىرىدا تالىبانلارنىڭ نۇقتىلىرى بومباردىمان قىلىنغان ئىكەن.(ئۈمىدۋار)
