ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ئافغانىستاندا قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ھەتتا بەزى رايونلاردا ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن تىكلەشكە باشلىغان تالىبان قالدۇقلىرىغا قاراتقان تازىلاش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. يەكشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدى ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر ھەرىكەت جەريانىدا ئاز دېگەندە 70 تالىبان مىلىتانى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە، تالىبانلار كونتروللىقىدىكى رايونلاردا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن تىكلىمىگىچە، تالىبان قالدۇقلىرىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى بولۇپمۇ، ئۆتكەن ماي ئېيىدىن بېرى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ۋە باشقا يېڭى ئۇرۇش تاكتىكىسى ھەمدە ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە ۋە ئافغان ئارمىيىسىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىش يەنە بىر تەرەپتىن ئافغانىستان يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەرنى سۈسيئىستمال قىلىش، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە خەلققە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، ئافغانىستاندىكى بولۇپمۇ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى تەسىرى دائىرىسىنى كۈنسېرى كېڭەيتىشكە باشلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاندا ماي ئىيىدىن بېرى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 800 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.
ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ، بەزى رايونلاردا ھاكىمىيەتلىرىنى قايتىدىن تىكلەش تەسەببۇسلىرى، ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە ۋە ئافغان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ، تالىبان قالدۇقلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلىتىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
بۇ ھەرىكەت 2001- يىلى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيىتى ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن بېرى، ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ھەربىي ھەرىكەت بولۇپ، بۇ ھەرىكەتكە ئاز دېگەندە 10000 ئەسكەر قاتناشماقتا. (قانات)
