ئامېرىكا تالىبانلارنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى ئۆلتۈرگەن

ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان قوشۇنلىرى ئوساما بىن لادىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك تالىبانلارنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانىنى ئۆلتۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشمە ئارمىيە شەنبە بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلان قىلغان بولۇپ، تالىبانلارنىڭ مەزكۇر يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانىنىڭ ئىسمى ئوسمانى بولۇپ، ئۇ يەنە ئىككى كىشى سەيشەنبە كۈنىدىكى بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن. مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پاكىستان بىلەن چېگرىداش ھېرمان ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئوسمانى بازا تەشكىلاتى قاتارلىقلار قاتناشقان تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىكى يادرولۇق شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

بىراق، بب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ، ئوسمانىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ باشقا بىر تالىبان قوماندانى ۋە ئۈچ نەپەر جەڭچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)