ئافغانىستاندا 100 دىن ئارتۇق تالىبان ئۆلتۈرۈلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى پەيشەنبە كۈنى، ناتو بىلەن ئافغان قوشۇنلىرىنىڭ بىرلىكتە، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تالىبان كۈچلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، 150 تالىباننى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى پاكتىكا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن بۇرۇن، ئىككى تۈركۈم تالىبان كۈچلىرى پاكىستاندىن ئافغانىستانغا كىرگەن.

ئافغان بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، تالىبان كۈچلىرىگە ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا مەزكۈر ھۇجۇم داۋامىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 60 قا يېتىدىكەن. ئەمما ئافغان قوشۇنلىرى شۇنىڭدەك شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن يارىلانغان ياكى ئۆلگەن ئادەم يوق ئىكەن.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىلدۈرۇشىچە، تالىبان كۈچلىرى پاكىستاننى بازا قىلغان ئاساستا پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا، بىراق پاكىستان دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تالىبان كۈچلىرىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. پاكىستان يەنە، ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان بىر قىسىم رايونلارغا بومبا قويۇش، قورغان ياساش ئارقىلىق تالىبان كۈچلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ ھۇجۇم قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەقىدە)